Wq/ug/ماقال-تەمسىل:ئات

< Wq‎ | ug
Wq > ug > ماقال-تەمسىل:ئات

ئۇيغۇر خەلق ماقال-تەمسىللىرى edit

  • ئات ئايلىخانغا، يول سارىخانغا.
    بۇ، گەپنى باشقىچە قىلىپ، يولنى باشقا ياققا سالىدىغان ئالانىيەت، لاۋزىدە تۇرمايدىغان، سەمىمىيەتسىز كىشىلەرنىڭ ئالدامچىلىقىنى بىلدۈرىدۇ.
  • ئاتقا مىنگەشمە، مىنگەشكەندىن كېيىن ئۈندەشمە.
    بۇنىڭ مەنىسى ‹‹ ئات كەينىگە مىنگەشمە، مىنگەشكەندىن كېيىن ۋاي دېمە ›› دېگەن تەمسىل بىلەن ئوخشاش بولۇپ، بىر ئىشقا ئالدىراپ تۇتۇش قىلماسلىق، تۇتۇش قىلغان ئىكەن، قەتئىي ئىرادە باغلاپ تۈرلۈك قىيىنچىلىقلارغا چىداش ۋە يېرىم يولدا يالتىيىۋالماي، ئاخىرىغىچە داۋاملاشتۇرۇش كېرەكلىكىنى بىلدۈرىدۇ.